Uyghur主要词典
ھامىلتون
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1755 - 1804) ئامېرىكا قوشما شتات پارتىيىسىنىڭ داھىيىلىرىدىن بىرى. غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى شوتلاندىيىلىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1772-يىلى نيۇ - يوركقا كەلگەن. 1773 - 1774-يىللىرى خانلىق ئىنستىتۇتى (بۈگۈنكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى) دا ئوقۇغان. كېيىن ئادۋوكات ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1777 - 1781-يىللىرى ۋاشىنگتوننىڭ كاتىپى ۋە مەسلىھەتچىسى بولغان. 1787-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. 1789 - 1795-يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، مالىيىنى تەرتىپكە سېلىش، دۆلەت بانكىسى قۇرۇش، يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بېجى ئېلىش ۋە تاموژنىنى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. <ۋسكى ھارىقى ۋەقەسى> نى باستۇرۇشقا رەھبەلرىك قىلغان. سىرتقى سىياسەتتە ئەنگلاىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يەنە ئارمىيىنىڭ پروكۇرورى، پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1804-يىلى 7-ئايدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئەرون بېر (1756 - 1836) بىلەن دۇئېلغا چىقىپ، ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلگەن.