Uyghur主要词典
ھاماقەتلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەخمەقنىڭ قىلىقى.
ئەخمەق بىلەن سۆزلىشىشكە ئەخمەقلىق كېرەك. ھاماقەتلىك _ كۈلكىلىك. گالۋاڭلىق قىلساڭ، گېلىڭغا زىيان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زېھنى گاللىق.
زېرەكلىك
زېھنى ئۆتكۈرلۈك.
ئانىسى قۇۋلۇق قىلىپ نېپىز ياقسا، بالىسى زېرەكلىك قىلىپ قوشلاپ يەپتۇ. گالۋاڭلىق قىلىپ، گالدىن ئىلىنىپتۇ. ئاڭقاۋلىق قىلساڭ، ئايىغىڭدىن ئايرىلىسەن. دۆتلۈك دۈشمەنلىكتىن يامان. كالۋالىق كالىغا خاس. ھاماقەتلىك ھايانى بۇزىدۇ. قاپاقباشلىق قاچان بولمىسۇن چاندۇرىدۇ. ھاماقەتلىك مەمەدانلىق بىلەن تۇغقان. دېۋەڭلىك - دەردمەنلىك. لەقۋالىق لايغا تىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەقىلسىزلىق، ئەخمەقلىق، دۆتلۈك.
بوۋاي بىلەن موماي ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، پادىشاھنىڭ ھاماقەتلىكىدىن شىكايەت قىلىپتۇ.