Uyghur主要词典
ھايۋانلار ئېمبرىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
كۆپىيىش ھۈجەيرىسى (سپېرما ۋە تۇخۇم) نىڭ تەندە ھاسىل بولۇش، يېتىلىش، ئورۇقلىنىش ھەمدە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن تارتىپ تاكى لىچىنكا ياكى گۆدەك يەنە پەردىنى يېرىپ چىققانغا قەدەر، ياكى ئانا تېنىدىن ئايرىلىپ بالاغەتكە يەتكۈچە ياكى ئۆلگۈچە بولغان بىر قاتار يېتىلىش جەريانىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ يەنە ھايۋانلار ئورگانىزمىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ يۇقىرىقى جەريانلاردىكى مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنى بايان قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش، يەككە يېتىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېكولوگىيىلىك شارائىتنى تەتقىق قىلىش، يەنى ئېكولوگىيىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق يەككە يېتىلىشنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىنىڭ مۇھىت شارائىتىغا نىسبەتەن تايىنىش مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ، يەككە يېتىلىشنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى شەرھلەش، ھەمدە ھەر خىل تەجرىبە ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ يەككە يېتىلىشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئانالىز قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى يەككە يېتىلىشنىڭ قانۇنىيىتىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن ئۇنى بايان قىلغۇچى ئېمبرىئولوگىيە، سېلىشتۇرما ئېمبرىئولوگىيە، تەجرىبە ئېمبرىئولوگىيىسى، خىمىيىلىك ئېمبرىئولوگىيە ھەمدە مولېكۇلا ئېمبرىئولوگىيىسى قاتارلىق تارماق پەنلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ