Uyghur主要词典
ھاي پونسېفوتى شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
1901 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جون ھاي (1838 - 1905)بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، لورد پونسېفوتى تۈزگەن پاناما قانىلىنى ياساش، ئىلىشتىش توغرىسىدىكى شەرتنامە. ئەنگلىيە، ئامېرىكا 1850 - يىلى <كلايتون - بۇلۇۋېر شەرتنامىسى> نى تۈزگەن. لېكىن ئامېرىكا ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى تەسىر دائىرىسى تېز ئۆسۈپ، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانالنى ئېچىش جىددىي تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە جەنۇبىي ئامېرىكىدا رىقابەتلىشىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1901 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن بۇ شەرتنامىنى تۈزگەن. ئۇنىڭدا ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانالنى ياساشقا ئامېرىكا مەسئۇل بوللىدىغانلىقى، قانالنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى ئامېرىكىدا بولىدىغانلىقى، لېكىن باشقا دۆلەتلەردە بۇ قانالنى باراۋەرلىك ئاساستا ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا پاناما قانىلىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان، 1980 - يىلىغا بارغاندا، ئاندىن ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى پاناما ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.