Uyghur主要词典
ھايات
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
جان، ئۆمۈر.
سىياسىي ھايات. * ھاياتىدىن ئايرىلماق. * ھاياتىنى تەقدىم قىلماق. * ھاياتى ئۇلۇغ، ئۆلۈمى شەرەپلىك. * ھايات قىسقا، ئارزۇ كۆپ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تۇرمۇش،روزىغار.
بەختلىك ھايات، يېڭى ھايات يولى. * ئوقوتقۇچىلىق ھايات ھەممىنى ئۆگىتىدۇ، ئۆگەنمىسەڭ تۈگىتىدۇ.
ھاياتتا تاسقىلىپ ئېزىلگەن كىشى،
ئۇستازلىققا لايىق: بىلىم ھەر ئىشى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
تىرىك، ساق - سالامەت، ياشاۋاتقان.
ئۇ تېخى ھايات. * ھايات - مامات. * ھاياتلا بولسام، سىزنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن. * ھەر كىم دىل ئازاردۇر، ھاياتى ئاھۇزاردۇر (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياشاش يولى، ھايات ھالى، ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن جەريانى.
تۇرمۇش بىر جەڭ. ئويلاشمىغان تۇرمۇشنىڭ قەدىرى بولماس. تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن مەنىسى بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ھارماي _ تالماي ئىزدىنىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ھاياتتا ھەممىنىڭ ئۆلچىمى بار. ھايات قارىغۇنىڭمۇ كۆزىنى ئاچار. ھايات ھەممىنى ئۆگىتەر، ئۆگەنمىسەڭ تۈگىتەر. ئىللىقلىق بىلەن تولسۇن روزىغارىڭ، قوپاللىق بۇزمىغاي سەبرۇقارارىڭ. مەئىشەت مول بولسا، خاتىرجەملىك بولىدۇ. تىرىكچىلىكتە تۈز يول يوق. تىرىكچىلىكنىڭ بەرىكىتى خوتۇن بىلەن. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. جان باقماق _ پەرز. جېنىڭنى جان ئەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جېنى بار؛ ئۆلۈكنىڭ تەتۈرى، ئانتونىمى.
تىرىكى بىرنى ئۆلتۈرسە، ئۆلۈكى مىڭنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۆلۈك قەبرىسىز بولماس، تىرىك پاناھسىز. تىرىكىدە ۋاي داد، ئۆلۈكىدە پەرياد. ھايات چېغىمدا تىللىما، ئۆلگەن ۋاقتىمدا يىغلىما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياشاش دەۋرى
ھايات مۇھەببەتكە مۇھتاج، مۇھەببەت مېھىر - شەپقەتكە مۇھتاج. كىشىنىڭ ھاياتى مىللەتنڭ نومۇسى بىلەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمە ئەمەس. ئۆمۈر ئەلا، لېكىن ئارزۇسىز ئۆمۈرنىڭ كېرىكى يوق. ئۆمۈرمۇ ئوخشايدۇ، بەزىدە تولىدۇ، بەزىدە سولىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياشاش مەزگىلى ۋە ياشاش ئىشى.
ئۆلۈم، ئەجەل، قازا
ئۆلۈش پەيتى، ئۆلۈش ھادىسىسى، ۋەقەسى.
ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق. دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. پۇل ئەجەلگە دالدا بولالماس. قازاغا رىزادىن ئۆزگە چارە يوق. ئۆمۈر شامال ئالدىدىكى چىراغ. ھاياتىڭ قانداق بولسا، ئۆلۈمىڭ شۇنداق بولار. يامانغا ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم. قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر. توشقاننىڭ ئۆلۈمىگە تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ. دۇنيا بويىچە ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 65 ياش، ئادەملەرنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن مەملىكەت ياپونىيە، 77 ياش. ئەڭ قىسقا مەملىكەت ئافغانىستان، 42 ياش.
ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل،
قانلىق مەيدانغا چۈشتى مەھكەم باغلاپ بەل.
بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل،
بۇ كۈرەش مەقسىتىمىزنى قىلغۇسىدۇر ھەل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئى.ئادەم ۋە جانلىقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مەۋجۇتلۇقى، ياشىشى؛ ياشاش.
ئىنسانلارنىڭ ھاياتى. جانلىقلارنىڭ ھاياتى. ئۆسۈملۈكلەر ھاياتى.
ئى. جانلىقلارنىڭ ياشاش، ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتى؛ جېنى.
ھاياتى بىلەن ئويناشماق. ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماق. ھاياتىنى تەقدىم قىلماق. ھاياتىنى ساقلاپ قالماق.
ئى.ياشاۋاتقان ياكى ياشاش، ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلار.
باياشات كۈز كۈنلىرىنىڭ ئاپتىپى بارچە ھاياتقا كۈلۈپ قارايتتى.
سۈپ. ياشاۋاتقان، ئۆلمىگەن، تىرىك.
ھايات قالماق. ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىگەن، ئۇ ھايات چاغدىكىدەكلا ئىدى.
ئى. تىرىك مەۋجۇداتلارنىڭ پەيدا بولغان، تۇغۇلغان ۋاقتىدىن تا ئۆلگەن ۋاقتىغا قەدەر ئۆتىدىغان ياشاش مۇددىتى، ئۆمرى.
ئەگەر بىرە ر ھاجىتىڭ بولسا ئېيت! مەن ئۇنى ئورۇنداي. چۈنكى، سېنىڭ ھاياتىڭ ناھايىتى ئازلا قالدى.
ئى. ئادەم، جەمئىيەتنىڭ پائالىيەت ۋە ياشاش يوسۇنى؛ تۇرمۇش، تىرىكچىلىك.
ئىجتىمائىي ھايات. ئائىلىۋى ھايات. ماددىي ھايات. مەنىۋى ھايات.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھاياتلىق كۈچى، تىرىكلىك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
تىرىكلىك، ئۆمۈر، ھاياتلىق؛ ساقلىق-ئامانلىق.