Uyghur主要词典
گۇزەييۇ
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەننىڭ رېنچېن ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى چىڭشاڭ رايونىدىكى ھەققانىيەتچى قوشۇننىڭ ئاتامانى. 1592 - يىلى (شۈەنزونىڭ 25 - يىلى) 4 - ئايدا چىڭشاڭ رايونىدىكى يىنىڭدا ھەققانىيەتچى قوشۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇھىم قاتناش رايون بولغان دىڭجىنگە ھۇجۇم قىلغان ياپونىيە ئەسكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئۇنى بازا قىلىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى بىرنەچچە قېتىم يەڭگەن. يىنىڭ، شەنجيا، شيەنچۈەندىكى دۈشمەنلەرنى كەينى - كەينىدىن يوقاتقان ھەم ئۇ يەرلەرنى قايتۇرۋالغان. شۇنداقلا لىڭشەن، چاڭيۈەن، شۈەنفېڭدىكى دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىپ، ئۇلارنى شاڭجۇ ئەتراپىغا چېكىنىشكە مەجبور قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارقا تەمىنات يولىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. جەڭدە قىزىل پەرىجە كىيىپ، دۈشمەن سېپىگە ئات چاپتۇرۇپ بېسىپ كىرگەن، ياپون ئەسكەرلىرى ئۇنى <قىزىل پەرىجىلىك سىياگون> دەپ ئاتاشقان.