Uyghur主要词典
گۇستاۋ
دۇنيا تارىخى
يەنى <گۇستاۋ ئادولف>.
دۇنيا تارىخى
(1746 - 1792) شۋېتسىيە كۇرۇلى (1771 - 1792). 1771 - يىلى ئاتىسى، كورۇل ئادولف فرېدرىخ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فرانسىيىدىن شۋېتسىيىگە قايتىپ كېلىپ تەختكە ۋارسىلىق قىلغان. شۇ ۋاقىتلاردا <شىلەپىچىلەر> بىلەن <شەپكىچىلەر> ھوقۇق تالىشىۋاتقان بولۇپ، 1772 - يىل 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگە كەلگەندە، فرانسىيە ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، كورۇلى تولۇق ھوقۇقلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزۇپ، شۋېتسىيە تارىخىدىكى ئەركىن دەۋر (1718 - 1772) گە خاتىمە بەرگەن. بەزىبىر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغان. 1778 - يىلىدىن كېيىن ئىستىبداتلىق قىلغان، مالىيە قىيىنچلىقى يۈز بېرىپ، ئۆكتىچىلەر باش كۆتۈرگەن. مەملىكەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ دىققەت - نەزىرىنى بۇراش ئۈچۈن، 1788 - يىلى روسىيىگە قارىتا ئۇرۇش قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى قوشۇن ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەر - ئەنيالان ئىتتىپاقىنى باستۇرغان. 1790 - يىلى روسىيە بىلەن <ۋېرېل سۈلھ> نى ئىمزالىغان. فرانسىيە زور ئىنقىلابىغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، فرانسىيگە قارشى جازا يۈرۈشىنى پىلانلىغان. كېيىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن.
دۇنيا تارىخى
(1778 - 1837) شۋېتسىيە كورۇلى (1796 - 1809). 1792 - يىلى ئاتىسى گۇستاۋ Ⅲ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تاغىسى كىنەز چارلېس ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. 18 ياشقا توشۇپ تەختكە رەسمىي ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن (1805 - 1807) ھەمدە چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىشقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. مەملىكەت ئىچىدە ئېنىسكىفتې تۈزۈمىنى قوللانغان ھەمدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزگەن. سىرتقا قارىتا فرانسىيگە قارشى ئۇرۇش (1805 - 1807) ۋە روسىيىگە قارشى ئۇرۇش (1808 -1809) قىلىپ، كۆپ قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، شۋېتسىيەنىڭ فىنلاندىيە ھەمدە بالتىق دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى زېمىنلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغان. 1809 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە قولغا ئېلىنىپ، پادىشاھلىق ئورنى تارتىۋېلىنغان ھەمدە دۆلەت چېگرىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گېرمانىيە ۋە شۋېتسارىيىلەردە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ <پولكوۋنىك گۇستاۋ ئەسلىمىلىرى> ناملىق ئەسىرى بار.
دۇنيا تارىخى
(1858 - 1950) شۋېتسىيەكورۇلى (1907 - 1950). ئوسكار Ⅱ نىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا ئوپسالا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1884 - 1891 - يىللىرى ئاتىسىغا ۋەكالىتەن نورۋېگىيىدە تۇرغان. 1892 - يىلى گېنېرال لېيتنانت بولغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىردە ئىدىيىسى مۇتەئەسسىپ بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە پارلامېنت تۈزۈمىگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغان. 1917 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبور بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1914 - يىلى 12 ـ ئايدىكى مالمىيودا ئېچىلغان شىمالىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرى كورۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلىكتە بىتەرەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. 1939 - يىلىدىكى سوېت - فىنلاندىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە فىنلاندىيىگە ياردەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۋېتسىيەنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىتەرەپلىكىنى قايتا جاكارلىغان، ئەمما فاشىست گېرمانىيىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن.