Uyghur主要词典
گۇڭ يى
دۇنيا تارىخى
(؟ - 918) چاۋشيەن موجېڭ دۆلىتىنى قۇرغۇچى، فامىلىسى جېن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سىنلوخان جەمەتىدىن كېلىپ چىققانىكەن. ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە شىدا بۇتخانىسىغا بېرىپ راھىب بولغان، تەخەللۇسى شيەنزۇڭ، سىنلونىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، مىلادى 891 - يىلى جوجۇ (جىڭجى ئۆلكىسىدىكى جۇسەن) قوزغىلىڭنىڭ يولباشچىسى چىشۇەننىڭ قېشىغا بارغان، 892 - يىلى بېييۈەن (جياڭيۈەن ئۆلكىسىدىكى يۈەنجۈ) قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى لياڭ جىننىڭ قېشىغا بارغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى مۇستەقىل بولۇپ، تېيۈەن (جياڭيۈەن ئۆلكىسىدىكى تېيۈەن) دېگەن يەردە تۇرغان. سوڭيۆ (جىڭجى ئۆلكىسىدىكى كەيچىڭ) لىك ۋاڭ جيەن كەلگەندىن كېيىن 897 - يىلى سوڭيۆغا كۆچۈپ كەتكەن. 901 - يىلى (شياۋگۇڭ 5 - يىلى) خان بولغان (<ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىش ئىزلىرى> نىڭ خانلىق تارىخىي قىسمىدا كورىيە دېيىلگەن). 904 - يىلى دۆلەت نامىنى موجىن، يىل نامىنى ۋۇتەي دەپ ئۆزگەرتكەن؛ 905 - يىلى پايتەختنى تېيۈەنگە كۆچۈرۈپ بېرىپ، يىل نامىنى شىڭسېي قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 191 - يىلى دۆلەت نامىنى تەيفېڭ، يىل نامىنى سۇيدې ۋەنسۇي دەپ ئۆزگەرتكەن. 914 - يىلى يىل نامىنى جېڭكەي دەپ ئۆزگەرتكەن، ئۇنىڭ زېمىنى شىمالدا پىخنيان ئەتراپىغىچە، جەنۇبتا شاڭجۇغىچە كېڭىيىپ، سىللا ۋە جېڭشۈەن (كېيىنكى پېكچى) تىركىشىپ تۇرغاۋ ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. تارىختا كېيىنكى ئۈچ دۆلەت دېيىلگەن. 918 - يىل ۋاڭ جيەن ھاكىمىيەتنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۋالغاندىن كېيىن ئورمانلىققا قېچىپ كەتكەن. شۇ يەردىكى پۇقرالار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.