Uyghur主要词典
گۈلتاجى ئايرىلىپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى. بۇ خىلدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل يېپىنچىسى ياكى مۇكەممەل ئەمەس ياكى گۈل كاسىسى بىلەن گۈلتاجىسى پەرقلىق بولىدۇ، گۈلتاجىسى ئايرىلىپ ئۆسىدۇ، مورفولوگىيىسى گۈلتاجىسى بىرلىشىپ ئۆسكەن گۈلنىڭ مورفولوگىيىسىدىن ئىپتىدائىيراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەردىن پۇرچاق، كېۋەز، كەندىر، شاپتۇل، قارا ئۈرۈك، ئەينۇلا، نەشپۈت، ئاپېلسىن، ماندارىن، كامفورا، چارتال دەرىخى، چۈچۈكبۇيا، كىرەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.