Uyghur主要词典
گۈل بوغۇن
بىئولوگىيە
كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تۆت قىرلىق بولۇپ، يىرىك تەتۈر ياتما تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، گۈل رېتىدىكى يوپۇرماق يىپ شەكىللىك ياكى يىپسىمان تۆمۈنە شەكىللىك، نېپىز بولىدۇ. گۈل رېتى ئايلانما بولۇپ ئۆسكەن كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىگە كىرىدۇ؛ گۈل كاسىسى نەيسىمان، قوڭغۇراق شەكىللىك بولىدۇ؛ گۈلتاجىسى كالپۇكسىمان رەڭگى توق قىزىلدىن قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگىچە بولىدۇ، گۈلتاجى نەيچىسىنىڭ ئىچىدە ھالقىسىمان تۈكچىلەر بولىدۇ، ئۇچى قىسمى ئىككى كالپۇك شەكىلدە بولۇپ، ئۈستۈنكى كالپۇكنى يۇمشاق تۈكچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ، گىرۋىكى تولۇق كېلىدۇ. كىچىك، قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى ئۇزۇن ئېللىپىسسىمان ئۈچ قىرلىق بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقىلىدۇ، ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگە كەڭ تارقالغان، ھەرخىل مۇھىتتا ئۆسىدۇ. ئىنچىكە يوپۇرماقلىق گۈل بوغۇن (L.Sibiricus.L) غا يېقىنراق كېلىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى گۈلى بىرئاز چوڭ ۋە غولىنىڭ ئۇچىدىكى يوپۇرمىقى ئۈچكە يېرىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل تۈردىكى ئۆسۈملۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇپ <گۈل بوغۇن> دەپ ئاتىلىدۇ. مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇش، قان قېيىشنى يوقىتىش، ھەيزنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئاساسەن ھەيز قالايمىقان كېلىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان قىيىۋېلىشتىن بولىدىغان قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ. گۈل بوغۇن مېۋىسى قوشۇمچە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. پۈتۈن ئۆسلۈملۈك تەركىبىدە گۈل بوغۇن ئىشقارى بولىدۇ، ئۇ ماتكىنى قۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.