Uyghur主要词典
گىروندېچىلار
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلىدە، چوڭ سودا - سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلدىغان سىياسىي گورۇھ، باشلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى گىروندې ئۆلكىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى برىسسو، كونسورسېت، رولاند خانىم قاتارلىقلار. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ياكۇبىن كۇلۇبىغا قاتنىشىپ، كېيىن بارا - بارا روبېسپېر رەھبەرلىكىدىكى سول قاناتلاردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، مۇستەقىل گۇرۇھنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ گورۇھ پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1792 - يىلى 3 - ئايدا بىر مەھەل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1792 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىنقىلابىدىن كېيىن يەنە بىرقېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، بۇرژۇئازىيە مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، ئىنقىلابنى توختىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا ياكۇبىن كۇلۇبىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1793 - يىلى 31 - ماي ۋە 2 - ئىيۇل قوزغىلاڭلىرىدا ئاغدۇرۇلغان. بىر قىسىم ئەزالىرى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە سۈرگۈن قىلىنغان؛ قالغانلىرى باشقا جايلارغا قېچىپ كېتىپ پادىشاھ تەرەپدارلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، توپىلاڭ كۆتۈرگەن. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قالدۇق گىروندېچىلار چاقىرىپ كېلىنگەن ھەمدە يېڭىۋاشتىن مىللىي ئۇيۇشمىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، تومۇز ئاي پارتىيسىنىڭ تايانچ كۈچى بولۇپ قالغان.