Uyghur主要词典
گىرى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەرەز ئۇقمايدىغان كىشى.
تومپاينى تويغا ئېيتما. گىرىنى گاچا چۈشىنەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىل - پاراسەتكە يۆلەنمەي، قارا كۈچكە يۆلىنىپ ئىش كۆرۈپ، يامان ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغان.
«يوغانباش» كۆپىنچە باشباشتاق، ئۆزۈمچىل كىشىگە قارىتىلىدۇ. كېيىنكى ئىككى ئىبارە «قارام» نىڭ تەسۋىرىي كۆرۈنۈشى.
قارامنىڭ ئەقلى- قوتازنىڭ ئەقلى. توم گىرىنى تويغا يولاتما. يوغانباش يۇرت بۇزىدۇ. ئۇ - ئەپلاتوننىڭ زەنجىرىنى ئۈزىدىغان نېمە، ئىشنىپ ئىش تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ، - دەپ ئويلىدى مىرغەزەپ.
شىۋىلەر
ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان؛ سەھرالىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
گەپكە كىرمەيدىغان، تەتۈرىگە تولغايدىغان، كاج، جاھىل.
- ھەي قانداق گىرى ئادەمسەن؟- دېدى ئاشپەز تەئەججۈپ بىلەن.