Uyghur主要词典
گىرىمسەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاتمۇسفېرادا نۇرنىڭ ئەكسى تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل تەبىئەت ھادىسىسى. بۇ ھادىسە ياز كۈنلىرى دېڭىز بويى ۋە قۇملۇق چۆل، سايلاردا كۆپرەك بولىدۇ.
يەتتە قۇدۇقتا كېتىۋاتاتتۇق، يىراقتا گىرىمسەن كۆرۈندى، خۇددى بىنالار، ئاۋات بازارلار چىققاندەل بولدى. قەشقەر يولىدىكى سايلاردا سەراپ كۆپ كۆرۈنىدۇ. ئالۋۇنغا ئەجەبلىنىش كەتمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ياز كۈنلىرى كەڭ دالىدىكى ئىسسىق ھاۋانىڭ يىراقتىن سۇ ياكى شامالدەك، خىرە، غۇۋا كۆرۈنۈشى؛ سەراپ، ئېزىتقۇ.
يېڭىدىن ئېڭىزغا ئايلىنىۋاتقان ئېتىزلار ئۈستىدىكى گىرىمسەن يىراقلاردىن كۆرۈنگەن سۇدەك جىمىرلاپ تۇرىدۇ.
رەۋ. خىرە، غۇۋا، تۇتۇق.
گىرىمسەن يورۇماق.