Uyghur主要词典
گىرىھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۈگۈن، چىگىلگەن، چىگىش؛ ئۆرۈم، چاچ ئۆرۈمى:
ئەگىرلىك، قىڭغىرلىق.
مۈشكۈللۈك، قىيىنچىلىق:
ماڭا مەي نەشائىسدۇر زەۋف ئىلە خەندان ئولماق،
غۇنچەلەردەك گىرىھ ھەم ھەربىرى چەندان ئولماق.
گۇمنام.
گىرىھ زۇلفىدىن ھەلقە سالدىلار بوينۇمغە دام ئەيلەپ،
كۆڭۈلنى ئالدىيۇ زار ئەيلەدى ئۆزىگە رام ئەيلەپ.
موللا سالېھ.
3. يۈز گىرىھ دەۋراندىن ئولغاچ ئەيلەمىش كۆڭلۈ قەلەق،
شايەد ئەتكەي دەفئ بۇ مۇشكىللەرىم رەببىل - فەلەق.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۈگۈن، چىگىك؛ قىيىن: گىرىھكارلىق - چىگىكلىك، چىگىشلىك.