Uyghur←Chinese主要词典
گېرمانىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخى德意志工人协会
dé yì zhì gōng rén xié huì
كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىشچىلارنى كەڭ تۈردە ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ۋە تەربىيلەيدىغان قانۇنىي تەشكىلاتى. 1847 - يىل 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ماركىس ۋە ئېنگېلس بىريۇسىلدا قۇرغان. ئۇنىڭ مەقسىتى بىلگىيىدە ئولتۇراقلاشقان گېرمانىيە ئىشچىلىرىغا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ۋە ئىلمىي سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت. ماركس بۇ جەمئىيەتتە سىياسىي ئىقتىساد ھەققىدە كۆپ قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ، ياللانما ئەمگەك بىلەن كاپىتالىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە غايەن زور رول ئوينىغان. بىرمۇنچە مۇنەۋۋەرلەر كوممۇنىزمچىلار ئىتتپاقى بىريوسسىل ياچېيكىسىغا قاتناشقان. 1848 - يىلى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، جەمئىيەت بېلگىيە دائىرلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكىتى توختىتىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。