Uyghur←Chinese主要词典
گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى
领域: دۇنيا تارىخى全德工人联合会
quán dé gōng rén lián hé huì
گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپنىڭ مۇستەقىل سىياسىي تەشكىلاتى. 1863 - يىل 5 - ئاينىڭ 32 - كۈنى 11 شەھەرنىڭ ئىشچىلار ۋەكىللىرى لېيپسىگدا قۇرغان. لاسسال رەئىسلىككە سايلانغان. ئۇنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، بىرلەشمىنىڭ پروگراممىسى ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قانۇنىي پارلامېنت پائالىيىتى بىلەنلا چەكلىنىپ، سىنىپىي كۈرەشكە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ياردىمىدە ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئىشىچلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغان. پروسسىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ياقلىغان. 1868 - يىلى 9 - ئايدا لېيپسىگ ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن پېچەتلەنگەن، كېيىن بېرلىنغا كۆچۈپ كېتىپ پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە ئاغمىچىلىق لۇشيەنىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، ئۆز تەرەققىياتىغا ئېغىر پۇتلىكاشاڭ بولغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس لاسسالچىلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىلغار گېرمانىيە ئىشچىلىرىنى بارا - بارا لاسسالچىلىقتىن ۋاز كەچتۈرگەن. 1869 - يىلى بىر قىسم ئەزالىرى بۇ تەشكىلاتتىن ئايرىلغان ھەمدە گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1875 - يىلى 5 - ئايدا گوتا قۇرۇلتىيىدا مەزكۇر بىرلەشمە ئېيزىناخچىلار بىلەن قوشۇلۇپ، گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيسى بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。