Uyghur主要词典
گرانادا ئەمىرلىكى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرائەسىردە ئەرەبلەر ئىبېرىيان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى گرانادا ( ئەرەپچە دېيىلىدۇ) رايونىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. مىلادى 765 - يىلى گرانادا ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ كوردوۋا باش ۋالىي رايونىغا تەۋە بولغان. 929 - يىلى، كوردوۋا خەلىپىلىكىنىڭ بىرقىسمى بولغان. 1238 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، گرانادا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. 13 - ئەسىردە، ئۇنىڭدا دېھقانچىلىق، سانائەت، سودا خېلى گۈللەنگەن. 1492 - يىلى، ئىسپانىيىدىكى فېرناندو Ⅱ بىلەن ئىسابېلا گرانادا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئەرەبلەرنىڭ سىياسىي كۈچىنى ئىبېرىيان يېرىم ئارىلىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىسلام پادىشاھلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. گرانادا 756 - يىلى كوردوۋا رايونىغا تەۋە ئىدى. كېيىن كېيىنكى ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارىدى. كېيىنكى ئۇمەۋىيە سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بەربەرلەردىن ئىبنى زىرى (1012 - يىلىدىن 1019 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) گرانادانى ئۆز ئالدىغا قىلىپ، زىرىيە سۇلالىسى قۇردى (1210 - 1090). بۇ سۇلالە كېيىن مۇرابىت سۇلالىسىغا ۋە مۇۋەھھىد سۇلالىسىغا قارىدى. 1932 - يىلى مەدىنىدىكى خەزرەج قەبىلىسىدىن بولغان مۇھەممەد بىننى يۇسۇف غالىپ نەسىرىيە سۇلالىسى (1312 - 1492) نى قۇردى. خرىستىئان دىنىدىكىلەرنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىدە، بۇ سۇلالە ئىسپانىيىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغان زېمىن بولدى. 13 - ئەسىردە ئۇ يەردە ئىقتىساد گۈللەندى، پەن - مەدەنىيەت تەرەققىي قىلدى. گرانادا قەلئەسى ئەل ھەمرا (قىزىل ئوردا) نامى بىلەن داڭق چىقاردى. كېيىن ئىسپانىيە خرىستىئان پادىشاھلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. بۇ ھال ئىسلام دىنىنىڭ ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولدى.