Uyghur主要词典
گرامىسى
دۇنيا تارىخى
(1891 - 1937). ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ساردېگنادىكى نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1910 - يىلى تورىنو داشۆسىگە كىرىپ، تارىخ، پەلسەپە ۋە تىلشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. 1913 - يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرىپ، سول قاناتتىكىلەردىن بولغان. 1919 - يىلدىن ئىتىبارەن <يېڭى تەرتىپ> گېزىتىنى تەھرىرلەپ، ئىشچىلار سوۋېتىنى قۇرۇشقا چاقىرغان. 1921 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن ئالاقىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۈزۈپ، ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغان. 1922 - يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 4 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىي ھەيئەتلىكىگە سايلانغان. 1924 - يىلى ئىتالىيە كوممۇنستىك پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1926 - يىلى فاشىستلار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1928 - يىلى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قىيناپ ئازابلاش تۈپەيلىدىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، 1937 - يىلى داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي رىمدا ۋاپات بولغان. <تۈرمىدىكى خەت - چەكلەر> دېگەن ئەسىرى بار.