Uyghur主要词典
گونجا شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
روسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئىتتپاقلىق شەرتنامىسى. 1730 - 1736 - يىللىرىدىكى ئىران - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە بىلەن تۈركىيەمۇ ئۇرۇش ھالىتىدە تۇراتتى. 1735 - يىلى 3 - ئايدا روسىيە بىلەن ئىران گونجا (ھازىرقى ئەزەربەيجاننىڭ كىروۋ ئاباد شەھىرى) دا ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى تۈزگەن. شەرتنامىدە، روسىيە پېتىر Ⅰ دەۋرىدە ئىگەللىۋالغان باكۇ، دەربەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئىرانغا قايتۇرۇپ بېرىش، لېكىن ئىران بۇ رايونلارنى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىك؛ ئىران بىلەن روسىيە مەڭگۈ ئىتتىپاق ئۆتۈش ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا كىلىشىۋالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلەنگەن.