Uyghur主要词典
گوي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئېيتقۇچى، سۆزلىگۈچى مەنىلىرىنى بىلدۈرگۈچى سۆز.
چەۋگان ئويۇنىدا ئوينىلىدىغان توپ:
ئۈزۈلدى تەنىدىن باشى گويدەك،
قىزىل قانلارى ھەم ئاقىپ جويدەك.
ئا. نىزارى،ن . زىيائى.
گوي ئولۇپ كويۇڭدا باشىم ياتتى چەۋگانىڭدا كۆپ،
ئايدى ئىنساف ئەيەلسەڭ كەل ئايلانىپ ئانى كەمەر.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز بىرىكمىسىدە ئېيتقۇچى، <گەپ قىلغۇچى> مەنىلىرىدە كېلىدۇ: تۈركى گوي - تۈركى تىلدا سۆزلىگۈچى، شېئىر ئېيتقۇچى؛ فارسى گوي - پارس تىلىدا سۆزلىگۈچى، شېئىر ئېيتقۇچى.