Uyghur主要词典
گېنېتىك مۇداپىئەلىنىش
بىئولوگىيە
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان، زىيانداش قۇرتلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۇسۇلى. ھاشاراتلارنىڭ گېنېتىكىلىق پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ھاشارات ئۆزىنىڭ كۆپىيىش پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ زىيانداش قۇرتلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. زىيانداش قۇرتلارنىڭ يېقىن تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ كۆپىيەلمەيدىغان، تۈر ئارىلىقىدىكى شالغۇتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ تۈر ئىچىدىكى سورتلار ئارا سىتوپلازمىلىرىنىڭ بىرىكمىلىك خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق كۆپىيەلمەيدىغان قىلىش ئۇسۇلى؛ رادىئوئاكتىۋ نۇر ياكى خىمىيىۋى دورىلار ئارقىلىق سۈنئىي ھالدا خروموسومىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ يېرىم كۆپىيەلمەيدىغان ئىندىۋىدلار ھاسىل قىلىپ، دالاغا قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى؛ ئۆز تۈرىدىكىلەرنىڭ ھاياتىغا پايدىسىز گېنلىرى بولغان ئىندىۋىدلارنى قويۇپ بېرىپ، مۇشۇنداق تەسىرنى دالادىكى تۈركۈملەرنىڭ ئارىسىغا كېڭەيتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ زىيانداش قۇرتلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇرۇقى قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ. سىتوپلازما بىرىكمىلىك خۇسۇسىيىتى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۆتكۈر ئۈنلۈك كۇلېكس پاشىسىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ دالا تەجرىبىسى 1967 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا بىرمىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا زىيانداش ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدىغان ياكى ئۇلاردا پارازىتلىنىدىغان كۈشەندىلىرىنىڭ يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك مۇداپىئەلىنىشتىكى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمۇ، ھاشاراتلار گېنېتىكىسىنىڭ پرىنسىپلىرىدىن پايدىلىنىپ زىيانداش ھاشاراتلاردىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ بىر ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.