Uyghur主要词典
گېن يورىتومو
دۇنيا تارىخى
(1147 - 1199) ياپونىيە كاماكۇرا شوگونلۇقىنى بەرپا قىلغۇچى. گېن ياشتومو (1123 - 1160) نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 1159 - يىلى پىڭجى توپىلىڭىدا قولغا ئېلىنىپ، ئىدزوستىتو دېگەن يەرگە 20 يىل سۈرگۈن قىلىنغان. 1180 - يىلى ئىنئو (1511 - 1180) نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن قوشۇن تارتىپ شىچاۋشيەن جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىن مىخو، سېنباتسۇكاسا قاتارلىق سامورايلارنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولغان، كاماكۇرانى تايانچ بازا قىلىپ، كەينى - كەينىدىن سامورايلار ئورنى، قومونجو (ئالاقە چىقىرىش ئورنى) ۋە مونچۇجۇ (سودا مەھكىمىسى) قاتارلىق ئورگانلارنى قۇرۇپ، كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئۈچۈن ئاساس سالغان. 1185 - يىلى تەنپو جېڭىدە تائىرا كىيومورىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقاتقان ھەمدە ئانا باشقا ئىنىسى گېن ياشىتسۇنې (1159 - 1189) نى قوغلاپ تۇتۇشنى باھانە قىلىپ جايلاردا قوغلاپ تۇتۇش خادىمىنى قويغان، كېيىن قوغدىغۇچ، يەربېشى، خانلىق ئادەم قاتارلىقلارنى قويۇپ ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن، 1190 - يىلى كيوتوغا بېرىپ، مەسلىھەتچى ئوڭ قول مۇھاپىزەت سەردارى بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستېپا بەرگەن. 1192 - يىلى چەت ئەللىكلەرگە قارشى يۈرۈش قىلغۇچى سەردار بولۇپ، كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنى قۇرغان.