Uyghur主要词典
غوجامنىڭ غوجىسى بار چامغۇرنىڭ ئورىسى
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى »بۇ، چوڭنىڭمۇ چوڭى، باشلىقنىڭمۇ باشلىقى، نوچىنىڭمۇ نوچىسى بولغىنىدەك، باشقا نەرسىلەرنىڭمۇ كونترۇل قىلىنىدىغان، تىزگىنلىنىدىغان ئامىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: جاھان دېگەن يالغۇز چوڭكۆللا ئەمەس ئىكەن، «غۇجامنىڭ غۇجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى» دېگەندەك، يۇرتتا مەنسۇر بەگدىنمۇ قۇدرەتلىك ئادەملەر بار ئىكەن.