Uyghur主要词典
غەلۋە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خۇسۇمەت _ ئاداۋەت، دەۋا _ دەستەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۆز _ ھەرىكەتتىن چىققان ئۇرۇش _ تالاش.
ئۇ جېدەلنى سېتىۋالىدۇ. كۈندەشلىك ئۆيدە كۈندە جېدەل. جودا ئەقىلنى ئازدۇرىدۇ، دوستلۇقنى بۇزىدۇ. جودادىن جۇدا بول. شانىياز ئوۋغا چىقسا، كەينىدىن غوۋغا چىقار. كۈندەش كىرسە ئىشىكتىن،جاڭجال چىقار تۆشەكتىن. ماجىرا _ ئەقىلسىزنىڭ قورالى. نىزا _ دوستلار ئارا ئوغا. گەپ قىلمىغىن تەلۋىگە، تەلۋە ئامراق غەلۋىگە. بۇ نېمە غۇلغۇلا، تىنچ تۇرۇڭلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جېدەل - ماجىرا.
غەلۋە كۆرمەك.
كاۋاپچىنىڭ غەللىسىدە قالغان 30 كوينى قايتۇر دەپ غەلۋە قىلىپ ھۆرپىيىۋاتىدۇ.