Uyghur主要词典
غەلەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: غەللات، ئەغلات. يېڭىلىش؛ خاتا، ناتوغرا، يالغان:
باش - ئاياغىمدىن نىشان بەرمەككە گەر تارتىلسا خەت،
ئول خەتى مەۋھۇمدەك باشدىن - ئاياغ بولغاي غەلەت.
ئەرشى.
ئارغۇماق ئاتلارغا مىنگەن خەلفە ئىشان نام ئىلە،
دام تەزۋىر مىكر ئەيلەپ ياخشى ئەتۋارىڭ غەلەت.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يالغان؛ يېڭىلىش، خاتا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توغرا ئەمەس، ناتوغرا.
بىر خاتا ئون خاتادىن ساقلار. پازىلنىڭ خاتاسىنى يىغساڭ تاغدەك بولار. سەۋەن ئىش بىلنمەي قالماس. غەلەت كەپ غەلۋە چىقىرار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راست ئەمەس، ھەقىقىي ئەھۋالغا زىت.
<يالغان>، <يالغان - ياۋىداق> ئومۇمەن گەپ - سۆزگە قارىتىلىدۇ.
<ساختا>، <جا>، <رىيا> لار ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قارىتىلىدۇ، ھىيلە - مىكىر ئارىلاشقان بولىدۇ.
<غەلەت> ئەسلى ھالىدىن باشقىچە ھال.
<جا> خەنزۇچە: 假
يالغانمۇ يولى بىلەن بولسۇن. يالغان - ياۋىداقنىڭ ئۇۋىسىنى تاپماق تەس. ساختا مال ئاسان سېزىلىدۇ. جا ئادەم ئاخىر جاندىن ئايرىلىدۇ. رىيا ئىش يامانلىققا قوشنا. غەلەت ھەرىكەت قىلساڭ، غەلىبە يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەمەلىيەتكە، داۋلىغا، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەس، مۇۋاپىق ئەمەس. خاتا يول
توغرا، دۇرۇس
ئەمەلىيەتكە، داۋلىغا، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن، مۇۋاپىق. توغرا يول
ھېسابچى توغرا بولسا، ھېساب خاتا بولماس. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن. ناتوغرا ئىش بىلىنمەي قالماس. توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار. غەلىتە گەپ غەلۋە تۇغدۇرار.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
يالغان، ساختا. مەسىلەن: غەلەت سۆز قىلماق، كۆزنى غەلەت قىلماق _ ساختا قىلماق، كۆز بويىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
يالغان، ساختا، راسىت بولمىغان: غەلەت سۆز، غەلەت گەپ.