Uyghur主要词典
غىدىقلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەنگە تېگىپ قىچىق پەيدا قىلماق.
بولدى، قىچىقلىما، جېنىم چىقىپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باشقىلارنىڭ بەدىنىگە قول ياكى بىرەر نەرسىنى تەگكۈزۈش ئارقىلىق غىدىقىنى كەلتۈرمەك.
چىمەن ھامان چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ كۈلۈپ سۆزلەيتتى، ئۇ دوستىنىڭ بىقىنىنى غىدىقلاپمۇ قويدى.
<پىسخول> رېئال جىسىم ۋە ھادىسىلەر ياكى تاۋۇش، نۇر ۋە ئىسسىقلىق قاتارلىقلار سەزگۈ ئەزالىرى ياكى جانلىق ئورگانىزملارغا تەسىر قىلىپ، ئۇلاردا ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشكە ئوخشىمىغان تۈرلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماق.
بۇ گۈل قادىرنىڭ كۆزىگە گويا لاۋىلداپ يېنىپ تۇرغان قىپقىزىل يالقۇندەك كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭ بالىلارغا خاسا قىزىقىش سەزگۈسىنى غىدىقلىدى.
ئاچماق؛ ئويغانماق؛ قوزغىماق.
ناننىڭ ئۈستىدىكى ئۆرۈكتەك سارغىيىپ پىشقان تۇخۇم پوشكىلى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلاپ، ھور چىقىپ تۇراتتى.