Uyghur主要词典
غىدىقلاش
بىئولوگىيە
<ستىمۇلۇس>، <قوزغىتىش>، <تەسىر قىلىش> ياكى <تۈرتكە بولۇش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئورگانىزم ياكى توقۇلمىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئورگانىزم ياكى توقۇلمىلارنىڭ بەلگىلىك ئەكس تەسىر (ئىنكاس) قايتۇرۇشىنى قوزغىتالايدىغان ئامىللارنىڭ ھەممىسى <غىدىقلاش (تۈرتكە بولۇش)> دەپ ئاتىلىدۇ. غىدىقلاش ئورگانىزمنىڭ ئىچكى، سىرتقى مۇھىتىدىن كېلىدۇ، مېخانىك، خىمىيىلىك، ئېلېكترىك غىدىقلاشلار ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىشى قاتارلىقلىرى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ تومۇز ئىسسىقتا تەرلىشىمۇ مۇھىت تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ئادەم بەدىنىدىكى تېمپېراتۇرا رېتسىپتورلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ غىدىقلاش رولىنى ئۈنۈملۈك ئويناش - ئوينىماسلىقى غىدىقلاشنىڭ سىجىللىقى، ۋاقتى ۋە سىجىللىق ئۆزگىرىش نىسبىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر غىدىقلاشنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئاجىزراق بولسا، غىدىقلاش ۋاقتىنىڭ قانداقلا ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، توقۇلمىنىڭ غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ؛ ئەكسىچە، غىدىقلاش ۋاقتى بەكمۇ قىسقا بولسا غىدىقلاش (سىجىللىقى) قانچە كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاشلا توقۇلمىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. يۇقىرى چاستوتىلىق ئۆزگىرىشچان توكتىن پايدىلىنىپ مۇسكۇلنى غىدىقلىغاندا، غىدىقلاش سىجىللىقى ئون نەچچە ئامپېرغا يەتسىمۇ غىدىقلاش ۋاقتى بەكمۇ قىسقا بولغانلىقتىن مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرالمايدۇ. پەقەت توك بىلەن ئىسسىتىش ئېففېكتىلا يۈز بېرىدۇ. ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلىدىمۇ شۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا غىدىقلاش سىجىللىقى يەنە بەلگىلىك ئۆزگىرىش نىسبىتىگە ئېھتىياجلىق، يەنى غىدىقلاش سىجىللىقى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۆلدىن تېزلىك بىلەن بەلگىلىك قىممەتكە ئۆرلىشى ياكى بەلگىلىك قىممەتتىن نۆلگە تۆۋەنلىشى كېرەك، شۇ چاغدىلا ئۈنۈملۈك ھالدا غىدىقلاش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ئەگەر غىدىقلاش سىجىللىقى ئاستا - ئاستا ئۆرلەپ چەكتىن (<چەككىچە غىدىقلاش> قا قاراڭ) نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكىنى بىلەنمۇ توقۇلمىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. تۇراقلىق توك بىلەن مۇسكۇلنى غىدىقلىغاندا توكقا ئۇلىغان ۋە ئۈزۈۋەتكەندىكى كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتىلا مۇسكۇلدا قىسقىراش يۈز بېرىدۇ. توك ئېقىمى مۇسكۇلدىن مۇقىم ھالدا ئۆتكەن مەزگىلدە قىسقىراش رېئاكسىيىسى كۆرۈلمەيدۇ. غىدىقلاش يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار ۋە ئادەملەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەلگىلىك بىئولوگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئالاھىدە ئىنكاسىنى قوزغايدىغان سىگنالغا ئايلانغان (شەرتلىك رېفلېكسقا قاراڭ). ئىنسانلارنىڭ سۆز ئارقىلىق غىدىقلىشى بولسا، سۈپەت جەھەتتىكى بىر سەكرەش ھېسابلىنىدۇ. سۆز ئاددىيلا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تەسىرى بولماستىن، بەلكى ئۇ ئىپاىلەۋاتقان مەزمۇن ۋە مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر خىل كونكرېت غىدىقلاشلار يىغىنچاقلانغان ۋە ئابستراكتلاشقان بىر سىگنال (<سىگنال سىستېمىسى> گە قاراڭ) ھېسابلىنىدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ غىدىقلىغۇچنىڭ ئورگانىزمغا قىلغان تەسىرىدىن ئىبارەت. ئۇ غىدىقلاش ئورنىغا قاراپ بەزىدە تەسىر، بەرىدە قوزغاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.