Uyghur主要词典
غاز قۇچاقلىۋالغان بالىنىڭ ھەيكىلى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
بۇ ھەيكەل مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3 - ئەسىردە ئۆتكەن داڭلىق ھەيكەلتىراش پوئىدۇسنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئەسلىدە مىستىن ياسالغان، بىراق ھازىر قېپقالغىنى مەرمەردىن ياسالغان تەقلىدىي ئەسەر، ھازىر گېرمانىيىدىكى ميۇنخېن مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
بۇ ھەيكەلدە بىر سەبىي، شوخ بالىنىڭ غاز بىلەن ئوينىشىۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كەپسىز بالىنىڭ ئاق غازنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ، خۇددى غالىب سەركەردىلەردەك مەغرۇرانە كۈلۈپ تۇرغان ھالىتى؛ بوزەك قىلىنغان غاز بولسا ئىككى پۇتىنى كىرىپ، ئاغزىنى ئېچىپ ھاسىراۋاتقان، بالىنىڭ ئالدىدا بولسا ئامالسىز قالغانلىق بىچارە قىياپىتى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەسەردە ھەيكەلتراش ئەركىن يۇمۇرىستىك ئۇسلۇب ئارقىلىق كىچىك بالىنىڭ تۇرمۇش قىزىقىشىنى ئىپادىلەپ، بالىنىڭ تۇرقى ۋە ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىنى نامايان قىلغان. ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇستىلىق بىلەن لايىھىلەنگەن، ئوبرازى ئەينەن ئىپادىلەنگەن بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا زور ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، كىشىلەر بۇ سەبىي، شوخ بالىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق يېڭى ئېچىلغان غۇنچىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۆرگەندەك بولىدۇ، بۇنى غەرب سەنئەت تارىخىدىكى نادىر ئەسەر دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。