Uyghur主要词典
غازغا مىنىپ ساياھەت قىلىش
领域: دۇنيا ئەدەبىياتىراگلۇف (1858 −1940 - يىللار) شىمالىي ياۋروپادا ئاندېرسىن بىلەن تەڭ تونۇلغان شۋېتسىيە ئايال يازغۇچىسى. ئۇ ئۇزۇن سەھىپىلىك چۆچەك «غازغا مىنىپ ساياھەت قىلىش»نى يېزىپ،1909 - يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«غازغا مىنىپ ساياھەت قىلىش»دا نېلىس ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالا يېزىلغان، ئۇ ئىنتايىن شوخ، ئەدەپسىز، كىشىلەر ئۇنىڭغا ھېچ ئامال قىلالمايدۇ. بىر كۈنى نېلىس تۈلكە پەرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئۇ تۈلكە پەرىنى زاڭلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. تۈلكە پەرى نېلىسنى بارماقچىلىك كىچىكلىتىپ قويىدۇ. توخۇ، غاز، مۈشۈك، كالىلار ئۇنىڭدىن قورقمايلا قالماستىن، بەزىدە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولىدۇ، بەزىلىرى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىدۇ. ئۆي غېزى مادېن ياۋا غاز بىلەن ئۇچۇپ كەتمەكچى بولغاندا، نېلىس ئۇنى ئۇچقىلى قويمايدۇ، لېكىن غاز ئۇنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ نېلىس شۋېتسىيىدىكى ساياھىتىنى باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىقىدۇ.
سەپەر داۋامىدا نېلىس ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئادەتلىرىنى بىلىۋالىدۇ، خەلق ئىچىدىكى نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى ئاڭلايدۇ شۇنداقلا بىر قىسىم مۇھىم ۋەقەلەرگە قاتنىشىدۇ. ئۇ تىيىن ئانىنىڭ ئۆيىنى تونۇماي قالغاندا، سېغىزخان خانىم ئۇنى ئەخمەق قىلىدۇ. ئۇ كۈل رەڭ چاشقاننىڭ قارا چاشقانغا قىلغان ھۇجۇمىنى سېھىرلىك نەي بىلەن ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ ھايۋانلارنىڭ يىللىق يىغىلىشىغا شەرەپ بىلەن قاتنىشىدۇ، يەنە تەلەيگە قارشى دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىدۇ، سەنئەتكارلارغا سېتىپ بېرىلىدۇ... نېلىسنىڭ كۆڭلى ئۆزگىرىپ ئاق كۆڭۈل بولۇپ قالغانلىقتىن، تۈلكە پەرىنىڭ گېپى ئۆتمەس بولۇپ، نېلىس ئەسلىگە قايتىدۇ. ئۇ بىر ئىشچان، باتۇر، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان بالا بولىدۇ، كىملا كۆرسە ئۇنى ماختايدىغان بولىدۇ.
«غازغا مىنىپ ساياھەت قىلىش»نىڭ ۋەقەلىكى تەسىرلىك، ھېكايىدە چۆچەك بىلەن رېئال تۇرمۇش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، شۋېتسىيىنىڭ تارىخى بىلەن تەبىئىي مەنزىرىسى بايان داۋامىدا ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەك ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。