Uyghur主要词典
غايەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چەك، ئاخىر، چېگرا:
جۇدا، غايەت، ناھايىتى.
1. چوڭ - كىچىك بۇ ھالى كېلۇرنى بىلۇر، ۋەلى ئارمان ئارزۇسىغا يوق ھەددى غايەتى.
سەبۇرى.
2. غايەتى بىلمەسلىكىندىن مۇددەئى كافىر بولۇر،
گەرسۇجۇد ئەيلەر ئاتايى سىزگە ھەق نۇرىن كۆرۈپ ئاتايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ناھايىتى، غەك؛ سوڭ، ئاداق، ئاخىر؛ كۆچمە مەنىسى: مەقسەت، ئارزۇ، قەست.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ياسايدىغان دەرىجە رەۋىشلىرى.
ئەڭ مۈشكۈل كەسىپ كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. ناھايىتى چوڭ ئىشلارمۇ كىچىك ئىشلاردىن چىقىدۇ. ئىنتايىن زۆرۈر بولمىسا، ئۇرۇشتىن توختاپ سۈلھ تۈز. مەردلىك ئەمەس، شەكسىز، جاھىل ھاياجان، يەرگە يىقىلغاننى تەپمەك بەك ئاسان. بۈگۈنكى ئويۇن تازا قىزىدى. مېنىڭسىز ئىشلىرى يۈرۈشەر تازا، بىرەر سۆز قىلىشىم ياراشماس ئاڭا. ئادەمنىڭ راسا كەمتەر ۋاقتى ئۇلۇغلۇققا تازا يىقىنلاشقان چېغى. بۇ بالا يامان ياخشى بالا ئىكەن. ئەجەب ياخشى بوپتۇ، بۇرنۇڭغا سۇ كىرىپتۇ. گاداينىڭ ئۇيقۇسى ئاجايىپ قاتتىق. ھايات _ قالتىس ھۈنەر. زەپ چىرايلىق كەلدى باھار. غايەت زور نەيىجە ياراتساڭمۇ مەغرۇرلارنما. مەن ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەرەبچە
ھەددىدىن تاشقىرى، ناھايىتى، بەك، ئىنتايىن.
بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ئازراق تەجرىبىنىڭمۇ غايەت زور يېتەكچىلىك رولى بولۇۋاتىدۇ.