Uyghur主要词典
غايىبانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
چەتتىن، سىرتتىن، كۆرمەي تۇرۇپ:
بولۇپ ئاشىق ئانىڭغە غايىبانە،
ئۆزى قالدى كۆڭۈل بولدى رەۋانە.
ناقىس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ.ئۆزىنى كۆرمىگەن ياكى سۆھبەتلەشمىگەن ھالدا، سىرتتىن.
مۇھەببەتنىڭ سېھىرلىك كۈچى غايىبانە ھالدا ئۇنى ئەسىر ئەتتى.
سۈپ. ئۈزىنى كۆرمىگەن، نامەلۇم.
قىزنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ، چۈشىدە پەرمانقۇلنى كۆرۈپتۇ. شۇندىن كېيىن قىز بۇ غايىبانە يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ.