Uyghur主要词典
گەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەگەر، خاھ، خاھى، يا، ياكى؛ گەرچە، ئەگەرچە:
كۆزلەرىم چۇن شىشە ھايى قىرمىزىدەك بولماغاي،
تەلبە كۆڭلۈم گەر جامالىغە گىرىفتار ئولماسا.
زەلىلى.
گەر ۋەتەن لۇتقى كۆزىندە تۇتمادىڭ، يوقتۇر ئەجەب،
ئەۋ قوپارماغلىق ئېرۇر دۇشۋار جەيھۇن ئۇستىنە.
لۇتقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەرت باغلىغۇچىلار: قوشما جۈملىدىكى باش جۈملە بىلەن شەرت بېقىندى جۈملىنى باغلايدۇ.
قىلسا ئەگەر
ئىككى جاھىل جېدەل - ماجىرا، ئۈزۈلىدۇ بولسا زەنجىر بۇ ئارىدا. ئاددىي تاش سۇندۇرسا زەر قاچىنى گەر، تاش داڭقى ئۆسمەيدۇ، كەمستىلمەس زەر. ئەگەردە دۈشمەنگە سەل قارىساڭ، مەغلۇپ بولىسەن. ئەگەر چەندە يامغۇر ياغمىسا، ئەتە بارىمەن. ئەگەركى، سەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن. ئەگەركىم خاماننى ۋاقتىدا تەپمىسەڭ، ھوسۇلدىن جەزمەن زىيان تارتىسەن. مۇبادا تىرناقچە ئىش قىلسا شۇ ئەر، ياخشى ئايال ئۇنى تاغدەك كۆپتۈرەر. ناۋادا ماختاش ئورۇنسىز بولسا، ئۇ خۇشامەتتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
پارىسچە
يېزت ئەگەر.
ياشىماق بولساڭ گەر مەڭگۈگە ھايات، قىلغىن سەن ئەل ئۈچۈن راسا ئىجتىھات.
گەرچە.
ھوقۇقنى ئۇلارغا گەر بەرسىمۇ ئەل، قىلىشىپ ئۆزىنىڭ توققۇزىنى تەل، باقمىدى ئەلنىڭ ھېچ دەرد - ئەھۋالىغا، قېلىشنى ئويلىماي خەلق ئۇۋالىغا.