Uyghur主要词典
گەدەنكەش
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، خورىكى يوغان.
كىچىك پېئىل، كەمتەر
ئۆزىنى كىچىك تۇتىدىغان، ئۆزىگە تەمەننا قويمايدىغان، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان.
كىچىك پېئىل بولساڭ كىچىكلەپ كەتمەيسەن. كەمتەر بولساڭ ئۇزارسەن، مەغرۇر بولساڭ غۇلارسەن. تەكەببۇر يالجىماس، يالىڭاچ ئىسسىماس. ھاكاۋۇر ھاڭۋاقتى كېلىدۇ. گەدەنكەش ئاخىر گەدىنىنى قاشلاپ قالىدۇ. مەنمەنچىنى مەنسىتمىسەڭ، تۈزۈلۈپ قالىدۇ. يوغانچىنى يوناپ تۇر. چوڭچى چويلىدا توختىمايدىغان گەپكە ئۇستا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
باش ئەگمەيدىغان، بويسۇنمايدىغان، ئىتائەت قىلمايدىغان؛ بوينى قاتتىق، جاھىل.
ئادەتتە ئۆزىدىن دەرىجىسى يۇقىرىلاردىن ئىجازەت ئېلىپ ھەرىكەتلىنىش ھەربىيلەرنىڭ ئۇستاپتا (قوللانمىدا) بەلگىلەنگەن ئىنتىزام قائىدىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ گەدەنكەش كاپىتان ئۇنداق قىلىشنى خالىمايتتى.