Uyghur主要词典
فېڭخۇاڭشەن گۈمبىزى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ گۈمبەز چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىدىكى فېڭخۇاڭشەن تېغىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، « نەنشەندىكى گۈمبەز » مۇ دېيىلىدۇ. بۇ XIV ئەسىردە باغدداتتىن جۇڭگوغا كەلگەن پەيغەمبەر ئەۋلادى قۇتۇب رەببانى ئابدۇرەھماننىڭ مەقبەرىسى بولۇپ، ئۇنى شىنىڭ شاھى سۇلەيمەن سالدۇرغان. مەقبەرە مەرھۇم ھايات چېغىدا سالدۇرغان نەنچەنسى مەسچىتنىڭ كەينىگە سالدۇرۇلغان. 1379 _ يىلى مۇيىڭ قايتىدىن سالدۇرغان. 1756 _ يىلى لى گۇجۇ گۈمبەز سالدۇرغان. 1862 _ يىلىدىن 1874_ يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوت كەتكەن. 1947 _ يىلى خارابىيلىقتا مەسچىت، ئۆي، سەراپ، مەقبەرە قايتا سېلىنغان. ھازىرقى ئىمارەت 1985 _ يىلىدىن 1987 _ يىلىغىچە قايتا رېمونت قىلىنغان.