Uyghur主要词典
فېليەتون
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر خىل ئەدەبىي ژانىر. ئىجتىمائىي ھاياتتىكى سەلبىي ھادىسىلەر، ئايرىم كىشىلەردىكى نۇقسانلار ھەجۋىي ئۇسۇل بىلەن پاش قىلىپ يېزىلىدىغان ئەسەر.
ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشىنىڭ «پادىشاھ سامورايلىرى قاتتىق ھالسىرايدۇ» دېگەن فېليەتونى فېليەتوننىڭ ياخشى مىسالى. لۇشۈن زاۋېنلىرى ۋەقەنىڭ رېئاللىقى، تىلنىڭ كىنايىلىك، ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ھەممىگە ئايان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
ئەدەبىيات
كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن سەلبىي ھادىسىلەرنى ئۆتكۈر تىل بىلەن مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلىپ يېزىلغان ئاكتۇئال تېمىدىكى تەنقىدىي ماقالە.