Uyghur主要词典
فۇرۇھ ئ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <شاخچە>، <تارماق> دېگەنلىك بولۇپ، <ئۇسۇل> غا قارشى مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدا فىقھەنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى (مەسىلەن، ھەق تەلەپ، سودا، جىنايى ئىشلار، ۋەخپە قاتارلىقلار) ۋە شۇلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ تۈرلەرنى فەقىھلەر ئۇسۇلدىن چىقىرىلغان، دەپ قارىغانلىقتىن، شۇنداق ئاتاپ، ئۇسۇلدىن پەرقلەندۈرگەن.