Uyghur主要词典
فۇرې
دۇنيا تارىخى
(1841 - 1899)، فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1895 - 1899). ئەسلىدە باي بۇلغارى سودىگىرى بولۇپ، لې ھاۋرې شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان. 1881 - يىلى ئاۋام پالاتاسىغا كىرگەن. كېيىن مۇستەملىكىلەر مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە فرانسىيە - روسىيە ئىتتىپاقىنى كۈچەيتكەن؛ ماداغاسقارنى بويسۇندۇرغان؛ ئەنگلىيە - فرانسىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى فاشودا ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ درېيفۇس دېلوسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى جاھىللىق بىلەن رەت قىلغان. 1899 - يىلى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۇشتۇمتۇت مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلگەن، ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمى درېيفۇسچىلار بىلەن درېيفۇسقا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.