Uyghur←Chinese主要词典
فرانسىيەنىڭ 1814 - يىلىدىكى نىزامنامىسى
دۇنيا تارىخى
法国一八一四年宪章
fǎ guó yī bā yī sì nián xiàn zhāng
فرانسىيەنىڭ بوربون سۇلالىسى قايتا تىرىلگەن مەزگىلدىكى ئاساسىي قانۇن. 1814 - يىل 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ناپولېئون Ⅰ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن لۇئى ⅧⅩ 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى <ئىلتىپات قىلغان>. نىزامنامە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ئېتىراپ قىغان، لېكىن كورۇلغا چوڭ ھۇقۇق بېرىلگەن. يەنى كورۇل دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى شۇنداقلا قوراللىق كۈچلەرنىڭ باش قومدانى دەپ قارالغان، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار ھەم دىپلوماتىيە ئەلچىلىرىنى تەيىنلەش، شەرتنامە تۈزۈش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش، پارلامېنتنى چاقىرىش ياكى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى كورۇل ۋە ئىككى پالاتادىن تەشكىل تاپقان پارلامېنتقا مەنسۇپ قىلىنغان؛ ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى كورۇل تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. يېشى 30 غا توشقان، 300 فرانكتىن يۇقىرى بىۋاستە باج تاپشۇرغان ئەرلەرلا سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنغان (ئەينى چاغدا فرانسىيە بويىچە ئاران 95 مىڭ ئادەملا ئۆلچەمگە لايىق بولغان)؛ 40 ياشقا توشقان، تاپشۇرغان بىۋاستە بېجى مىڭ فرانكتىن يۇقىرى بولغان ئەرلەرلا سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان (ئەينى چاغدا پەقەت 19 مىڭ كىشىلا ئۆلچەمگە لايىق بولغان). نىزامنامىدە كونا ئاقسۆڭەكلەنىڭ ئۇنۋانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نامىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان. ئىنقىلاب مەزگىلىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان؛ نامدا ئېتىقاد، نەشىر قىلىش قاتارلىق ئەركىنلىكلەر ساقلاپ قېلىنغان.