Uyghur←Chinese主要词典
فرانسىيە - ماراكەش بىرلەشمە باياناتى
دۇنيا تارىخى
法摩联合声明
fǎ mó lián hé shēng míng
فرانسىيەنىڭ ماراكەشنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان دىپلوماتىك ھۆججەت. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماراكەشنىڭ ئازادلىق ھەرىكىت كۈندىن - كۈنگە ئۇلغايغان. 1956 - يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى فرانسىيە - ماراكەش ئىككى دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. 1912 - يىلدىكى ماراكەشكە قارىتا ھامىيلىق قىلىش توغرىسىدىكى شەرتنامىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى جاكارلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئىككى تەرەپنىڭ بىرقاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىشى تەكلىپ قىلىنغان. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە فرانسىيە ماراكەشتە قوشۇن تۇرغۇزۇش ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇھاجىرلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي تەيىنلەش، فرانسىيەنىڭ ماراكەشتىكى ئەمەلدارى تۈرلۈك كاپالەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش بەلگىلەنگەن. 1956 - 1957 - يىللىرى ئىككى دۆلەت كۆپ جەھەتلەردە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى تۈزگەن.