Uyghur←Chinese主要词典
فرانسىيە 6 - فېۋرال توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
法国二月六日暴动
fǎ guó èr yuè liù rì bào dòng
فرانسىيە فاشىستلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى. 1943 - يىلنىڭ باشلىرى، فاشىست ئۇنسۇرلار ۋە ئوڭ قانات گۇرۇھلار ستاۋىسكىي ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي بوھران پەيدا قىلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنغان. 2 - ئاينىڭ باشلىرى فاشىست ئۇنسۇرلار فرانسىيە كوچىلىرىدا داۋاملىق تۈردە توقۇنۇش پەيدا قىلغان، 200 دىن ئوشۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى 20 مىڭدىن ئوشۇق فاشىست ئۇنسۇر بوربون سارىيىنى قورشىۋېلىپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشنى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. پارىژ خەلقى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەملەشكەن. دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تۇراقسىزلىقى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشقان ئەھۋالدا، سول قانات كۈچلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، فاشىزمغا قارشى تۇرغان. 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 500 مىڭ ئىشچى پارىژدا فاشىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. 12 - كۈنى 45 مىڭ ئىشچى ھەرقايسى جايلاردا مەملىكەت بويىچە فاشىزمغا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلاپ ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، فاشىستلارنىڭ سۈيىقەستىنى تارمار قىلىپ، خەلقفرونتىنى قۇرۇشقا شەرت ھازىرلىغان.