Uyghur←Chinese主要词典
فرانسىيە
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەر法国
fǎ guó
غەربىي ياۋروپا جايلاشقان دۆلەت، ئۇ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان كورسىكا ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى شىمال، غەرب تەرىپى ئەنگلىيە بوغۇزى، بېسكەي قولتۇق سۇلىرى بىلەن، جەنۇب تەرىپى يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرق، شەرقىي شىمال تەرىپى ئىتالىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، بېلگىيە بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئىسپانىيە، ئاندورالار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 550 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپادا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىنى ئالىپ ۋە يورا تاغلىرى، غەربىي جەنۇبىنى پېرنى تاغلىرى، جەنۇبىي ئوتتۇرا قىسمىنى مەركىزىي ئېگىز تەكشىلىك ئىگىلەپ تۇرىدۇ. يەر ۋەزىيىتى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ، يەر شەكلى جەھەتتە تۈزلەڭلىكلەرنى ئاساس قىلغان تۈزلەڭلىك، ئىدىرلىقلار4/5 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 250 مېتىرغا يەتمەيدىغان تۈزلەڭلىكلەر 60% نى ئىگىلەيدۇ. فرانسىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىمغا، شەرقىدىكى تاغلار ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىمغا، يەر ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. فرانسىيىنىڭ شىمالىي، شەرقىي، جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى خېلىلا زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بۇ ھەرخىل يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈشتە، ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. غەربىي جەنۇب بىلەن جەنۇب تەرەپلىرىدە بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4℃ - 7℃، شەرقىي بىلەن شىمالدا 1℃ - 3℃ بولىدۇ. يەتتىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالىي ۋە غەربىدە 16℃ - 18℃، جەنۇب بىلەن شەرقىدە 21℃ - 24℃ قا ېيتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600 - 800 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، تاغلىق رايونلاردا 1500 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. فرانسىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى تەكشى، بىراق كۈز ۋە قىش پەسلى سەل ئۇزۇنراق بولىدۇ. جەنۇبىدا قىشتا ھۆل - يېغىن كۆپ بولىدۇ. فرانسىيىنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى مول بولغانلىقتىن 27.6% يېرىمى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. فرانسىيىنىڭ ئاھالىسى 55 مىليون 761 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ 90% ىنى فرانسۇزلار ئىگىلەيدۇ. چېگرا رايونلاردا ئېلىزاس، بىلىتۇن، كورىسكا، باسكى، فراگمان قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، فرانسىيىدىكى چەت ئەل مۇھاجىرلىرى 4 مىليوندىن ئوشۇق بولۇپ، ئاھالىنىڭ 8% نى تەشكىل قىلىدۇ. چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ئىچىدە ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پولشا، ئالجىرىيە، بېلگىيە، ۋېيتنام، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر بار. فرانسىيىنىڭ ھازىرقى يېرىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىردە فرانكىلىقلار كېلىپ ئولتۇراقشقان. 843 - يىلى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 15 -، 16 - ئەسىرگىچە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن مەركىزىي ھۆكۈمەت بارلىققا كەلگەن. 1789 - يىلى بۇرژوئا ئىنقىلابى پارتلاپ فېئوداللىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 1958 - يىلغىچە بەش قېتىملىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. فرانسىيە ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان سانائەت، يېزا ئىگىلىك دۆلىتى. ئۇ ئا ق ش، ياپونىيە، گىرمانىيىدىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيىنىڭ سانائىتى كونا ۋە يڭى دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ. كونا سانائەت تارمىقى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى سانائەت تارمىقى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەرەققىي قىلغان. مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، ئېلېكترون، ئاتوم، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدىن ئىبارەت. يېزا ئىگىلىكىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. فرانسىيە دۇنيادا مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئۇ دۇنيادا ئاشلىق مەھسۇلاتى جەھەتتە ئالتىنچى ئورۇندا، ئارپا، سېرىق ماي، ئۈزۈم ھارىقى ئېكسپورتىدا بىرىنچى ئورۇندا، بۇغداي ئېكسپورتىدا ئا ق ش، كانادادىن قالسا، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۇد. يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى تولۇق، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي، قىزىلچا ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىق يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. سۈت مەھسۇلاتى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئا ق ش دىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا، گۆش مەھسۇلاتى جەھەتتە غەربىي ياۋروپا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيىنىڭ ساياھەت ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ سۇ قاتنىشى بەك قولاي. تۆمۈر يول، تاشيوللارمۇ زور دەرىجىدە زامانىۋىلاشقان بولۇپ، ماشىنا، پويىزلارنىڭ قاتناش سۈرئىتى تېز. فرانسىيىنىڭ چەت ئەللەر ئارا بولغان ئالاقىسىدە دېڭىز ترانسىپورتى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، دۆلەت ئىچىدە تۆمۈر يول ترانسىپورتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ
例句
مەن فرانسىيەدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم.
翻译: 我遇到了来自法国的游客。
专业术语
领域: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىتەبىئىي پەن
قىتئە، ئوكيان ۋە دۆلەت ناملىرى
ئوڭ قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز چەمبەر بىلەن چەمبەر ھاسىل قىلىپ، قالغان ئۈچ بارماقنى ئاچىدۇ ھەمدە چەمبەر ئېغىزىنى كۆكرەككە قويىدۇ، ئاندىن بېغىشىنى ئايلاندۇرۇپ، قولنىڭ دۈمبىسىنى سىرتقا قارىتىدۇ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرىدۇ.
法国
fǎ guó
专业术语
领域: رايون ۋە پوچتا نومۇرى法国
fǎ guó
ياۋروپا قىتئەسى
GetWord 语料库
9法国
fǎ guó9法国
法国【世界各国】
fǎ guó
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。