Uyghur主要词典
فلورېس
دۇنيا تارىخى
تەخمىنەن 1800 - 1864( ئېكۋادور زۇڭتۇڭى )1830 - 1835، 1839 - 1845(. ھازىرقى ۋېنېسۇئېلانىڭ كابېللو پورتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1830 - يىلى ئېكۋادورنىڭ بۈيۈك كولۇمبىيىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، بىرىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان. 1839 - يىلى يەنە بىرقېتىم سايلانغان ھەمدە كاتولىك چېركاۋلىرى ۋەكىلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلارغا تايىنىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1843 - يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. 1845 - يىلى ئاغدۇرۇلۇپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. ئىسپانىيىگە تايىنىپ، مەملىكەت ئىچىدە پادىشاھلىق سىياسىي تۈزۈمىنى ئورناتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. 1860 - يىلى يەنە قايتىدىن ئارمىيىنىڭ باشلىقى بولۇپ، كونسېرۋاتىپلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى قورال كۈچى بىلەن تارتىۋېلىشىغا ياردەملەشكەن.