Uyghur主要词典
فلېمىن
دۇنيا تارىخى
(1881 - 1955) ئەنگلىيىلىك باكتىرىئولوف، پېنتسىللىننى كەشىپ قىلغۇچى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكتېرىئولوگىيە پروفېسسورى ۋە رات - فلېمىن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى. ياش ۋاقتىدا سان مارى دوختۇرخانسىنىڭ تىببى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1922 - يىلى مەلۇم ئۆسۈملۈك بىلەن ھايۋان ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقتىن باكتىرىيە يوقىتالايدىغان بىر خىل ماددىنى تېپىپ، بۇنى لىزوزىما دەپ ئاتىغان. 1928 - يىلى يەنە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيىسىنى يىتىشتۈرىدىغان قاچىدىن، زەمبۇرۇغ بىلەن بۇلغانغان جاينىڭ ئەتراپىدا ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى سەزگەن، بۇ زەمبۇرۇغنىڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيىسىنى يوقىتىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىرخىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغانلىقىنى نامايەن قىلغان. ئۇ بۇ خىل ماددىنى <پېنتسىللىن> دەپ ئاتىغان. 1945 - يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. <پېنتسىللىن - ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.