Chinese→Uyghur主要词典
腓特烈一世
دۇنيا تارىخى
فرېدرىخ Ⅰ
(1) فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال، تەخمىنەن 1123 - 1190)، گېرمانىيىنىڭ كورۇلى (1152 - 1190)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1152 - 1190، 1155 - يىلى تاج كىيگەن). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئىتالىيىگە ئالتە قېتىم بېسىپ كىرگەن (1154 - 1155، 1158 - 1162؛ 1163؛ 1166 - 1168؛ 1174 - 1177؛ 1184 - 1186)، باي لومباردىيە شەھەرلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئىمپېراتورنىڭ مالىيە كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ئۇرۇنغان. 1176 - يىلى لېگنانو جېڭىدە لومباردىيە شەھەرلىرى بىلەن پاپانىڭ بىرلەشمە ئارمىيسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، 1183 - يىلى <كونستانز سۈلھ شەرتنامىسى> نى تۈزۈپ، لومباردىيە شەھەرلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبور بولغان. 1180 - يىلى ساكسونىيە ۋە باۋارىيە كىنەزى ھېنرى (شىر)نىڭ خوجىلىق يېرىنى تارتىۋېلىپ، باشقا بەگلەرگە بۆلۈپ بەرگەن. 1186 - يىلى ئوغلى ھېنرىغا سىتىسىلىيە مەلىكىسى، تەخت ۋارىسى كۇنستانز (1152 - 1198)نى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگەن. ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپكە قاتنىشىپ شەرققە تاجاۋۇز قىلىش سەپىرىدە، كىچىك ئاسىيادا سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن. (2) (1657 - 1713) براندېنبۇرگنىڭ ئېمپېراتورى سايلىغۇچى كىنەزى (1688 - 1701، فرېدرىخ Ⅲ دەپ ئاتالغان)، پرۇسسىيە كورۇلى (1701 - 1713)، تەختتە تۇرغان مەزگىلدە فرانسىيەنىڭ ئوردا مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا چوقۇنۇپ، ھەدەپ بۇزۇپ چاچقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت ئىچىدە ئىقتىسادنى ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. سىرتقا قارىتا، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ فرانسىيىگە قارشى تۇرغان. كېيىن يەنە 1700 - يىلى ئاۋسترىيە بىلەن مەخپىي شەرتنامە ئىمزالاپ، كەلگۈسىدىكى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا ئاۋسترىيىگە قوشۇن يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان، ئۇنىڭ بەدىلىگە <پرۇسسىيە كورۇلى> دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1701 - يىل 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كيونىگسبېرگ (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كالىنىنگراد شەھىرى)تا تاج كىيىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، فرېدرىخ Ⅰ دەپ ئاتالغان، شۇنىڭدىن باشلاپ براندېنبۇرگ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگلىكى پرۇسسىيە پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. ئىسپانىيەنىڭ تەخت ۋارىسلىقىنى تالىشىش ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، پرۇسسىيەنىڭ ياۋرۇپا زومىگەرلىكىنى تالىشىشىغا ئاساس سالغان.