Chinese→Uyghur主要词典
腓特烈.威廉三世
دۇنيا تارىخى
فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅲ
(1770 - 1840) پرۇسسىيە كورۇلى (1797 - 1840). فرېدرىخ ۋىلھېلم Ⅱ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلىدە فرانسىيە بىلەن روسىيە ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ھوھېنزوللېرن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە ساقلاپ قالغان. 1806 - يىلى فرانسىيىگە قارشى تۆتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاققا قاتنىشىپ، يېنا جېڭى قاتارلىقلاردا قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، فرانسيە قوشۇنى ئۇدۇل بېرلىنگە بېسىپ كىرگەن. 1807 - يىلى 6 - ئايدا فرانسىيە بىلەن <تىلىست سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، ئىلبا دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ھەممە زېمىنىدىن ئايرىلغان ھەمدە فرانسىيىگە بېقىندى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. 1807 - 1814 - يىللاردا ستېيىن ۋە ھاردېنبېرگلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىغا، شارنخورست ۋە گېنسىناۋلارنىڭ ھەربىي ئىسلاھاتىغا قوشۇلۇشقا مەجبور بولغان. ناپولېئون روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1813 - يىلى روسىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، فرانسىيىگە قارشى ئالتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاققا قاتناشقان ھەمدە غەلىبىگە ئېرىشكەن. 1814 - يىلى ۋېنا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پرۇسسىيەنىڭ ئەسلى چېگرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ساكسونىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى، ۋىستفالىيە ۋە رېين رايونىنى يۇتۇۋالغان. 1815 - يىلى مۇقەددەس ئىتتىپاققا قاتنىشىپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان. كېيىن مەملىكەت ئىچىدىكى فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشقا كۈچىگەن.