Chinese→Uyghur主要词典
斐迪南七世
دۇنيا تارىخى
فېرناندو Ⅶ
(1784 - 1833). ئىسپانىيە كورۇلى (1808، 1814 - 1833). چارلېس Ⅳ نىڭ ئوغلى. دادىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، خانىكىنىڭ ئامراق ئادىمى گودوي بىلەن ئەپ بولالمىغان. 1808 - يىلى 3 - ئايدا، ئارنجۇئېز خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى چارلېس Ⅳ نى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور قىلغاندىن كېيىن، تەختكە چىققان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ناپولېئوننىڭ چاقىرتىشى بىەن فرانسىيەنىڭ چېگرا شەھىرى بايوننېغا بېرىپ، كورۇللۇق تەختىنى دادىسىغا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبور بولغان. كېيىن فرانسىيىدە قامالغان. 1814 - يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، يېڭىۋاشتىن تەختكە چىققان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، 1812 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئىسپانىيىدە 1820 - 1823 - يىللاردىكى ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، 1812 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبور بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنقىلابقا قارشى لاگېرغا ئاستتىرتىن رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە مۇقەددەس ئىتتىپاقتىن ياردەم تىلىگەن. ئىنقىلاب فرانسىيەنىڭ مۇداخىلچى قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىنقىلابچىلارغا شەپقەتسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان ھەمدە مۇستەبتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە كورۇللۇق تەختىنى تالىشىدىغان كارلوس ئۇرۇشى پارتلىغان.