Chinese→Uyghur主要词典
斐迪南二世
دۇنيا تارىخى
فېرناندو Ⅱ
(فېرناندو Ⅱ ) (1) (1452 - 1516) كاستىللا كورۇلى (فېرناندو Ⅴ دەپ ئاتالغان، 1474 - 1504) ۋە ئاراگون كورۇلى (فېرناندو Ⅱ دەپ ئاتالغان، 1479 - 1516). ئاراگون كورۇلى خۇئان Ⅱ نىڭ ئوغلى. 1469 - يىلى، ئۇ كاستېللا كورۇلى ئېنرىك Ⅳنىڭ سىڭلىسى، تەخت ۋارىسى ئىسابېل بىلەن توي قىلغان، ئېنرىك Ⅳ 1474 - يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە كاستىللاغا كورۇل بولغان. كاستىللادىكى بىرقىسىم دىنىي،دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر يەنە بىرمەلىكە خۇئەننانى يۆلەپ، ئىسابېلغا قارشى چىققان. بۇ ئىش پورتۇگالىيە كورۇلى ئالفونسو Ⅴ ۋە فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅺ نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. فېرناندو Ⅴ ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ، 1476 - يىلى تورو جېڭىدە ئالفونسو Ⅴ نى يېڭىپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن. 1479 - يىلى ئاراگوننىڭ كورۇللۇق تەختىگە چىققان، شۇنداق قىلىپ، كاستىللا ئاراگون بىلەن رەسمىي قوشۇلغان. كېيىن 1484 - 1486 - يىللاردىكى كاتالونىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1492 - يىلى ئەرەبلەردىن ئىبېرىئان يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تايانچ پونكىتى گرانادانى قايتۇرۇۋالغان. شۇيىلى، كولومبونىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشىغا ماددىي ياردەم بەرگەن. 1495 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى، پاپا، ۋېنېزىيە ۋە مىلانلار بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق قۇرۇپ، فرانسىيە قوشۇنىنى ناپلېسىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور قىلغان (<ئىتالىيە ئۇرۇشى>غا قاراڭ). 1504 - يىلى ئىككى سىتسىلىيە كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆز ئۈسىتگە ئالغان (فېرناندو Ⅲ دەپ ئاتالغان). 1512 - يىلى ناۋاردا كورۇللۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى قوشۇۋېلىپ، ئىسپانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئورۇندىغان. (2) فېرناندو Ⅱ (1578 - 1637). مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1619 - 1637). سىترىيە (ھازىرقى ئاۋسترىيە زېمىنىدا) كىنەزى چارلېسنىڭ ئوغلى، شۇڭا (ستىرىيىلىك) فېردىناند دەپمۇ ئاتالغان. 1617 - ۋە 1618 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چېخىيە ۋە ۋېنگرىيىلەرنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. چېخىيە خەلقى ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ زۇلىمىغا چىدىماي، 1618 - يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ كورۇللۇقىنى بىكار قىلىپ، پفالز (پالاتىناتې)نىڭ ئىمپېراتورى سايلىغۇچى كىنەزى، پروتىستانت ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى فرېدرىخ Ⅴ نى چېخىيىنىڭ كورۇلى قىلىپ كۆتۈرگەن. فېردىناند Ⅱ باۋارىيە كىنەزى، كاتولىك ئىتتىپاقىنىڭ سەردارى ماكسىمىلىئان Ⅰ غا تايىنىپ، ئەسكەر يۆتكەپ چېخ خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن 30 يىللىق ئۇرۇش (1618 - 1648) پارتىلىغان. 1620 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاقتاغ جېڭىدە كاتولىك ئىتتىپاقىنىڭ ئارمىيىسى چېخ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، چېخىيىنى يېڭىۋاشتىن ھابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا تاشلىغان. كېيىن فېردىناند يەنە 1626 - يىلىدىكى يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. (3) فېردىناند Ⅱ (1810 - 1859). ئىككى سىتسىلىيە كورۇللۇقىنىڭ كورۇلى (1830 - 1859). سىتسىلىيىدىكى پالېرمودا تۇغۇلغان. 1830 - يىلى دادىسى فرانتىسىس Ⅰ (1777 - 1830)نىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان، يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز كەڭ كۆلەملىك قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1848 - يىلى سىتسىلىيىدە خەلق قوزغىلىڭى پارتلاپ، ياۋرۇپانى قاپلىغان، 1848 - يىلى ئىنقىلابنىڭ مۇقەددىمىسىگە ئايلانغان. ياندۇرقى يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ، بۇ قوزغىلاڭنى شەپقەتسىز باستۇرغان ۋە بۇ ئارالدىكى ئاساسىي شەھەرلەرنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈزلەڭگە ئايلاندۈۇرۋەتكەن، شۇڭا، <سىنارەت كورۇل> دەپ نام ئالغان. ئىنقىلاب باستۇرۇلغاندىن كېيىن، 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نېئاپول تۈرمىلىرگە قامىغان. ئۇنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جامائەت پىكىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.