Uyghur主要词典
فاتىمىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(909 - 1171) ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپى شىمالىي ئافرىقىدا قۇرغان سۇلالە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئافرىقىدىكى بەربەرلەر ئارىسىدا ئۆز ئەقىدىسىنى تەرغىب قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 990 - يىلى ئەغلەب سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ھاكىمىيەت قۇرۇپ، سەئىد ئۇبەيدۇللا (909 - يىلىدىن 934 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نى خەلىپە قىلدى. بۇ ئادەم ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ ئەۋلادى دېگەنلىكتىن، بۇ سۇلالە <فاتىمىيە سۇلالىسى> دەپ ئاتالدى. ئۇلار 969 - يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلىپ، پايتەختنى 973 - يىلى قاھىرەگە يۆتكىدى. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سۇلالە گۈللىنىپ، زېمىنى پەلەستىن، سۈرىيە ۋە ھىجازغىچە كېڭىيىپ، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى كۈچلۈك ئەلگە ئايلاندى. سىياسي ۋە دىنىي جەھەتتە ئابباسىيلار سۇلالىسى ۋە كېيىنكى ئۇمەۋىيە سۇلالىسى بىلەن پۇت تېپىشتى. سودا - سانائەت ۋە پەن - مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئەزھەر جامەسى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى سېلىپ، تالىبلارنى تەربىيىلەپ ئىسمائىلىيە ئەقىدىسىنى ئومۇملاشتۇردى؛ قاھىرەدە خانلىق كۇتۇپخانا تەسىس قىلدى. Ⅺ ئەسىردە ئىلاھىيەت ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە سۇلالە ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىچكى قىسمىدا ئۈزلۈكسىز پارچىلىنىش بولۇپ تۇردى؛ ئەھلىسەلىب قوشۇنىنىڭ ئۇرۇش ئوتى مىسىر زېمىنىغا كېڭەيگەندە، بۇ سۇلالە زەئىپلىشىپ، سىرتنىڭ ياردىمى بىلەن ئەھلىسەلىبكە زەربە بەرمەكچى بولدى. نەتىجىدە 7111 - يىلى سالاھىددىن تەرىپىدىن يوقىتىلدى.