Uyghur主要词典
فاتىھە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باشلىنىش؛ قۇرئاننىڭ بىرىنچى سۈرىسى
قول ئېچىپ، بىرەر نەرسىنى سوراپ دۇئاقىلىش؛ ياخشىلىق تىلەش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلماق؛ باشلىنىش، باشلانما؛ كىرىش سۆز (كىتابنىڭ)؛ قۇرئاننىڭ باش بابى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> دىكى تۇنجى سۈرىنىڭ نامىدۇر. <قۇرئاننىڭ ئانىسى> (ئۇمم ئەل قۇرئان)، <خەزىنە> (ئەل كەنزىر)، <ھەمدۇ سانا سۈرىسى> (ئەل ھەمد)، <تەكرا ئوقۇلىدىغان يەتتە سۈرە> (ئەل ساد ئەل مەتانى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ سۈرىدە يەتتە ئايەت بار. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا مەككىدە نازىل بولغان بۇ سۈرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى شۇكى، ئۇنىڭدا ئاللانىڭ ياراتقۇچى (رەببى)، <شەپقەتلىك> (رەھمان)، <مېھرىبان> (رەھىم)، <قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى> (مالىكى يەۋمىدىن) دىن ئىبارەت تۆت پەزىلىتى بايان قىلىنغان؛ ئىنساننىڭ يالغۇز ئاللاغا تايىنىشى، ئاللانىڭ مەدەت قىلىشىنى تىلىشى، ئاللانىڭ يېتەكلىشى بىلەن توغرا يولدا مېڭىپ، ئېزىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكى ئېيتىلغان. بۇ سۈرىنى مۇسۇلمانلار <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئاساسىي مەقسىتى دەپ بىلىدۇ. بۇ سۈرە ئىسلام ئەقىدىسىدىكى پروگرامما خاراكتېرلىك دۇئا - تىلاۋەت رولىغا ئىگە. نامازدا ۋە ھەرخىل دىنىي پائالىيەتلەردە كىشىلەر بۇ سۈرىنى تەكرار ئوقۇيدۇ ھەمدە ھەربىر ئوقۇپ بولغاندا بىر قېتىم <ئامىن> دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى <ئى رەببىم! سەندىن ئىلتىجا قىلىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن!> دېگەنلىك بولۇپ، سۈننەت ھېسابلىنىدۇ.