Chinese→Uyghur主要词典
法属西非
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىگە قارام غەربىي ئافرىقا
فرانسىيىگە قارام غەربىي ئافرىقا مۇستەملىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى فرانسىيە دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا كېڭىەيمىچىلىك يۈرگۈزگەن. 1895 - يىلغا كەلگەندە فرانسىيە ئىشغال قىلىۋالغان سېنېگال، فرانسىيىگە تەۋە سۇدان (ھازىرقى مالى)، گۋېنىيە (ھازىرقى گۋېنىيە جۇمھۇرىيىتى)، پىل چىشى قىرغىقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ فرانسىيىگە تەۋە غەربىي ئافرىقا مۇستەملىكىسى قىلغان. 1904 - يىلى داھومېي (ھازىرقى بېنىن)نى؛ 1909 - يىلى يۇقىرى ۋولتنى قوشۇۋالغان؛ 1219 - يىلى ماۋرىتانىيە فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان، 1920 - يىلى فرانسىيىگە تەۋە غەربىي ئافرىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1917 - يىلى توگونىڭ شەرقىي قىسمى فرانسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغان، 1932 - يىلى فرانسىيىگە تەۋە غەربىي ئافرىقىغاقوشۇۋېتىلگەن. فرانسىيە داكاردا تۇرۇشلۇق مەخسۇس خادىم تەسىس قىلىپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1957 - يىلى فرانسىيە پارلامېنتى چەت ئەلدىكى زېمىنلىرى توغرىسىدا <تۈپ قانۇن> نى ماقۇللاپ، فرانسىيىگە تەۋە غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا <يېرىم ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت>لەرگە ئۆزگەرتىپ، ئۇ يەرلەردە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت كومىتېتى تەسىس قىلغان، لېكىن فرانسىيەنىڭ مەخسۇس خادىملىرى يەنىلا ئەمەلىي ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان. 1956 - يىلى توگودا ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1958 - يىلى 10 - ئايدا گۋېنىيە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، غەربىي ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى ئىچىدىكى ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت بولغان. 1960 - يىلى ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن.